باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2013.03.12 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 11-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، بارلىق ئەزالارنىڭ كېڭىشىش، مۇزاكىرىلىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نامزات ئىسىملىكى ماقۇللاندى، رەئىس نامزاتى بىر، مۇئاۋىن رەئىسلىرى 23، باش كاتىپى بىر، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى 299 قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ نامزات ئىسىملىكىنى 11-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي يىغىندا ئاۋاز بېرىپ سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لېڭ جىخۇا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نامزات ئىسىملىك لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالىغا ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 9-مارت چۈشتىن كېيىن، ھەر قايسى ئەزالار گۇرۇپپىسى ئىسىملىك لايىھەسىنى كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى.

  كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نامزات ئىسىملىكى دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، كەڭ پىكىر ئېلىنغان، قايتا-قايتا كېڭىشىلگەن ئاساستا بارلىققا كەلگەن، بارلىق كۆرسىتىش، نامزات قىلىش جەريانى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى ۋە بەلگىلىمىسىنىڭ تەرتىپىگە ئۇيغۇن. كۆپچىلىك بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى ھىمايە قىلدى ۋە قۇۋۋەتلىدى. يىغىندا يەنە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى؛ 58 بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، تيەن شياڭلى، گاۋ جىنىڭ باش بېلەت نازارەتچىسى بولۇشى بېكىتىلدى؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتى خىزمەت دوكلاتىغا ئالاقىدار قارار لايىھەسى ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات لايىھەسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارار لايىھەسى ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر