- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نېمكەش ئۆي بازىرى راسا قىزىپ ھايانكەشلەرنى سەمرىتتى
2013.03.11 14:13 مەنبە: خەلق تورى
گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بەش بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جايلاردا نېمكەش ئۆي سودىسى راسا قىزىدى. 3- ئاينىڭ 8-كۈنى «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى شاڭخەي پۇدۇڭ رايونلۇق مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى مەركىزىگە كەلگەندە، سودا مەركىزىنىڭ زالى ئادەمگە لىق تولغان ئىدى. بىر خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: «بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ئادەم ھەركۈنى مۇشۇنداق كۆپ، تېخى بەزى كۈنلىرى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق».
كەسىپكارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شاڭخەيدە يېڭى ئۆي سودىسىنىڭ پۈتۈش نىسبىتى %21 ئاشقان.
نۇرغۇن شەھەرلەردە مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسىمىنى يۆتكەش ئالدىراشچىلىقى كۆتۈرۈلدى
ئەمەلىيەتتە، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بەش بەلگىلىمىسىدە «شەخسلەر تاپشۇرىدىغان باجنى پەرق سوممىنىڭ %20ى بويىچە تاپشۇرۇش» بەلگىلەنگەندىن كېيىن، شاڭخەيدىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن شەھەرلەردە «بەس-بەستە مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسىمىنى يۆتكەش» يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە