باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر : «كىچىكىدىن باشلاپ قانۇن ئۆگىنىش» نى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك

2013.03.14 14:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دىلنار ئابدۇللا باشقا ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا
  ئۆز خەۋىرىمىز : يېقىندا ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى ، نۇرغۇن ۋەكىللەر بالىلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىشى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى : ھازىر بالىلارنىڭ قانۇن ئېڭى ئومۇميۈزلۈك سۇس، بالىلارنىڭ ‹‹ كىچىكىدىن باشلاپ قانۇن ئۆگىنىش ›› ىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارىلىۋاتىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە ( گۇرۇھى ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى : بالىلارنى بەش ياشتىن بۇرۇن قائىدە-نىزام ئېڭى بىلەن تەربىيەلەش ئەڭ ياخشى مەزگىل ، بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تەربىيەلەش تەننەرخى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، بالىلارنىڭ قائىدە -نىزام ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ، پۇقرا ئېڭى ، قانۇن ھەممىدىن ئۈستىن تۇرىدۇ دېگەن قاراشنى يېتىلدۈرۈش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ، شۇڭا بۇنى پۈتۈن جەمئىيەتكە تەشەببۇس قىلىپ ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك .

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ( قوشۇمچە ئۆتەيدۇ ) شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى : بالىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئاڭ ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولىدۇ ، قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تىكلەش ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدىغان تەربىيە . بۇنىڭدىن باشقا ، ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ بىرىنچى ئۇستازى ، بالىلارنىڭ قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلىنىدۇ . ئاتا–ئانىلار ئاۋۋال قانۇننى بىلىشى ، قانۇننى ھىمايە قىلىشى كېرەك ، شۇندىلا بالىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بېرەلەيدۇ.

  نۆۋەتتە ، ياش–ئۆسمۈرلەر دېلولىرى داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، ئىلى ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى : ياش-ئۆسمۈرلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ، ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئەڭ ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى بۇنى بىر تۈرلۈك تەتقىقات مەزمۇنى قىلىشى كېرەك .

  ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللانغان ۋەكىل فۇ چۈنلى مائارىپقا ، ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى . ئۇ مۇنداق دېدى : جىنايەتكە چېتىشلىق ياش قورامىغا يەتمىگەنلەر پەقەت ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىدۇ ياكى قۇتقۇزۋېلىنىدۇ . ھازىر قىلماقچى بولغىنىمىز ، ياش–قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج .

  ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى : قانۇن–تۈزۈم دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك . قانۇن مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىجتىمائىي تەرتىپ بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قائىدە–يوسۇن ، ئۆرپ–ئادەت ، ئەخلاق ، ئىجتىمائىي ساۋاتلار مەركەزلەشكەن ۋاسىتە ، قانۇن دەرسخانىسى بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئىجتىمائىي ئەدەب–ئەخلاق ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئۆزلىكىدىن رىئايە قىلىش ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ناھايىتى زور ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە .

  بۇنىڭدىن باشقا ، ۋەكىللەر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاساسىي قاتلامدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ ، ئاشكارا سوت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەسىرىنى كېڭەيتىپ ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قانۇن–تۈزۈم ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}