باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ: ‹‹شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ››

2013.03.13 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 9 – مارت چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا كېلىپ، شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنى سەمىمىي يوقلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە دوكلاتنى قاراپ چىقتى، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە سۆزلەشتى.

  سائەت 1 دىن ئاشقاندا (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، يۈ جېڭشېڭ سالماق قەدەم بىلەن شىنجاڭ زالىغا كىردى، زال ئىچىدە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ۋەكىللەر ئۇنى خۇشال قارشى ئالدى. يۈ جېڭشېڭ ۋەكىللەر بىلەن ئەھۋاللاشتى ھەم ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ: مەن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە دوكلاتنى قاراپ چىقىش، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدىم، دېدى. يۈ جېڭشېڭنىڭ سۆزى بىردەمدىلا ۋەكىللەرنى ئۆزىگە مايىل قىلدى.

  نۇر بەكرى، چې جۈن، مۇتەللىپ ئوبۇل، رەيھانگۈل ئىمىر قاتارلىق ۋەكىللەر تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى، ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن مەيدانىدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  ۋەكىل نۇر بەكرى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق شىنجاڭدا نەچچە يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەسىرلىك بايان قىلدى:

  ‹‹شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ يىل 100 مىليارد يۈەن ئاشتى؛ ساياھەتچىلىكتە بىر شىنجاڭلىق ئىككى ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانى ئىشقا ئاشتى؛ شەھەر – يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى؛ يېقىنقى ئۈچ يىلدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كەتكەن چىقىم جامائەت مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىدى...››

  يۈ جېڭشېڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلاپ، مەمنۇن بولدى.

  ۋەكىل شى جيەنيۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاشكارا سوت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاشكارا سوت قىلىشقا بولىدىغان دېلولارنى چوقۇم ئاشكارا سوت قىلىپ، ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئادىللىق ئىلگىرى سۈرۈلسە؛ قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلسا؛ ئىجرا قىلىش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى كۈچەيتىلسە؛ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەركىن جازا ئۆلچەش ھوقۇقى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلسا.

  ۋەكىل مۇتەللىپ ئۇبۇل مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىدە ئىشتات كۆپەيتىلسە، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلسە، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى قانۇن ئوقۇشلۇقلىرى كۆپرەك تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنسا.

  ۋەكىل ئەزىز مۇسا مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېمەكلىك، تېببىي دورا بىخەتەرلىكىنى، تور ئۇچۇرىنى قوغداشقا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلسە، مۇشۇ جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈلسە؛ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتتىن ساقلىنىش سىستېما قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلسە، قانۇن نازارەتچىلىكى زورايتىلىپ، قانۇننىڭ ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلسە.

  يىغىندا ۋەكىل شۆھرەت زاكىر ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان دەلىلقان مامىقانمۇ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە