باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھوقۇقنى خەلقنىڭ نازارىتى ۋە چەكلىمىسىدىن ئايرىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ

جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭ

2013.03.17 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى، 66 ياشلىق جاڭ دېجياڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ 100كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق دۆلەت ئورگىنىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلق بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇقنى قولىغا ئالدى.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، جاڭ دېجياڭ يېڭى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر، مۇساپىسى ئۇزۇن.

  قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ تاكتىكىسى. جاڭ دېجياڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە ئەمىنلىكى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى، كۈچىيىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قورۇلىتىي دائىمىي كومتېتى جۇڭگونىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق دۆلەت ئورگىنى ــ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىملىق ئورگىنىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىنى ئۆز قەرەلىدە شەكىللەنگەنلىكىنى بەلگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك دىموكراتىيە-قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە