باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2013.03.17 13:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت 2-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقنى ئىمزالىدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، جاڭ گاۋلى، ليۇ يۇنشەن ( ئايال)، ۋاڭ ياڭ، ماكەي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. ياڭ جىڭ (موڭغۇل)، چاڭ ۋەنچۇەن، ياڭ جېچى، گۇ شىڭكۇن، ۋاڭ يوڭ دۆلەت كومىسسارلىقىغا تەيىنلەندى. چاڭ ۋەنچۇەن قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىقىغا، شۇ شاۋشى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، يۈەن گۈيرېن مائارىپ مىنىستىرىلىقىغا، ۋەن گاڭ پەن-تېخنىكا مىنىستىرىلىقىغا، مياۋ يۇ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرىلىقىغا ، ۋاڭ جىڭۋىي(خۇيزۇ) دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، گوشېڭكۇن قوشۇمچە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىلىقىغا، گېڭ خۇيچاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىسترىلىقىغا، خۇاڭ شۇشيەن مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرىلىقىغا، لى لىگو خەلق ئىشلىرى مىنىستىرىلىقىغا، ۋۇ ئەييىڭ (ئايال) ئەدلىيە مىنىستىرىلىقىغا، لۇجېۋى مالىيە مىنىستىرىلىقىغا، يىن ۋېيمىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرىلىقىغا، جيا ۋېشىن تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرىلىقىغا، ياڭ چۇەنتاڭ قاتناش-ترانسپورت مىنىستىرىلىقىغا، چېن لېي سۇچىلىق مىنىستىرىلىقىغا، خەن چاڭفۇ يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرىلىقىغا، گاۋخۇچىڭ سودا مىنىستىرىلىقىغا، سەي ۋۇ مەدەنىيەت مىنىستىرىلىقىغا، لى بىن (ئايال) دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، جۇ شياۋچۇەن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ليۇ جيايى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە