- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئورگان قۇرۇش، دېلو تەكشۈرۈش، ئەرزىيەت خىزمەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
2013.03.16 08:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئىسخېمىلىق كۆرسەتمە ئارقىلىق، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان قۇرۇش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىنى ئاشكارىلىدى، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلغان ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى-ئالدىنقى تەييارلىق، قاراپ چىقىشقا تىزىملاش، بىر تەرەپ قىلىپ بېجىرىش، جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ پاش قىلغان ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى-ئۇچۇر ئىنكاس قىلىش، بېجىرىشكە يوللاش، ئۈستىگە ئېلىش، بېجىرىش، نازارەت قىلىشقا يوللاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئەرزنى ماسلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەكشۈرۈش ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدىغان، ئاسان تەكشۈرۈپ ئاسان بېجىرىدىغان، ئەرز قىلغۇچىدىن ئۆچ ئالىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئەرزىيەت تارماقلىرى تەرتىپكە ئاساسەن بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىگە ئاساسەن، دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپى-قوبۇل قىلىش، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش، دېلو تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىشقا ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە