باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشىيەن: ئامېرىكا دۈشمەنلىشىش سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىسە، سۆزلىشىشنى رەت قىلىمىز

2013.03.17 13:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى سۆھبەت بايان قىلىپ، ئامېرىكىنى چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويماسلىققا دەۋەت قىلغان.

بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئالى ئەمەلدارى چاۋشيەننىڭ ھەرىكەتلىرى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى، دېدى؛ بۇ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتتە چاۋشيەنگە بېسىم ئىشلىتىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ چاۋشيەننى ئۇجۇقتۇرۇش قەستىدە بولغانلىق ھەرىكىتى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنىڭ قىلچە ئۆزگەرمەستىن تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى:« ئامېرىكا ئاق بىلەن قارىنى ئايرىماي،چاۋشيەنگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراۋەرسە، چاۋشيەن ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرىدىكى يادرونى چەكلەش كۈچىدىكى پرىنسىپال مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكا دۈشمەنلىشىش سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىسە، چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن سۆزلەشمەيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە