باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدە توختالدى

2013.03.17 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل ئىش بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تيەنجىن بىنخەي سودا بازىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كوڭ شياۋيەن دۆلەت ئاجىز، خەلق ئاجىز، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك دېدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ جياچى مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىلىغان مەدەنىيەتنىڭ يېتەرسىزلىكى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بازارنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خۇلۇمبىر شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتنىڭ تۈپكى ئاساسى-ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش. خۇلۇمبىر تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن گۈزەل مۇھىتنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ چىقىپ، ئەۋلادلارغا تېخىمۇ گۈزەل يايلاقلارنى قالدۇرۇشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىلىن ئۆلكىسى ئالدىنقى گورلوس موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى باۋ يىنتەي جۇڭگو ئارزۇسى-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە بىرلىكتە يۈرۈش قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسى شاخې شەھىرى بەيتا بازىرى لۈەنشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى لى چاڭگېڭ يۇرتداشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئارزۇسى گۈزەل كەنت قۇرۇپ، كەنتنىڭ قىياپىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش دېدى.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل جۇ جيەنكۈن مەن رەھبىرى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىز تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىشىمىز لازىم دېدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاباگا خوشۇنى بالغۇتاي بازىرىدىن كەلگەن ۋەكىل ئېردىن گېرىل مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى، لېكىن بىر قىسىم ئاممىنىڭ كۈنى يەنىلا تەستە ئۆتمەكتە، كەنتىمىزدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ دېگۈدەك قەرزى بار، ھەر بىر ئائىلە باشقا يەرلەرگە بېرىپ سۇ ئەكىلىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە جاپالىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}