باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى بېكىتىلدى

2013.03.17 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى 16-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا گوۋۈيۈەن زۇڭلىسى لى كېچاڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار بېكىتىلدى. جياڭ گاۋلى، ليۇ يەندوڭ (ئايال)، ۋاڭ ياڭ، ماكەي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىقىغا، ياڭ چىڭ، چاڭ ۋەنچۇەن، ياڭ جېچى، گۇ شىڭكۈن، ۋاڭ يوڭ دۆلەت كومىسسارلىقىغا تەيىنلەندى.

  يىغىندا يىغىنغا ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ شىڭجۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا 2986 كىشى قاتنىشىش كېرەك ئىدى، 2959 كىشى قاتناشتى،27 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتنىشىش سانى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باش مىنىستىرىنىڭ كۆرسىتىشى بويىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، باش كاتىپ نامزاتى قارار قىلىندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ پەن مەدەنىيەت سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتى، يېزا-ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىگە ئايرىم-ئايرىم ئاۋاز بېرىلدى.

  يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باش مىنىستىرى لى كېچاڭ كۆرسەتكەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنىڭ نامزات ئىسىملىكى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاۋاز بېرىش چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلاشتى. ۋاڭ شىڭجۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جياڭ گاۋلى، ليۇ يەندوڭ، ۋاڭ ياڭ، ماكەي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، ياڭ جىڭ، چاڭ ۋەنچۇەن، ياڭ جېچى، گۇشىڭكۇن، ۋاڭ يوڭلار دۆلەت كومىسسارى بولدى.

  ۋاڭ شىڭجۇن يەنە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش ئىقتىسادى تەپتىشنىڭ ئىسىملىكىنى جاكارلىدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيدا توققۇز مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئىسىملىكى 5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى. قالغان سەككىز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كېڭىشىتى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ پىكىرگە ئاساسەن، بۇ سەككىز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى لايىھەسىنى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋازغا قويدى.

  ھەر قايسى ئىسىملىك ماقۇللانغاندا پۈتكۈل يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ، يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللانغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە