باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۆت ئاپتوموبىل كەينى - كەينىدىن سوقۇلۇپ ، 41 ئادەم يارىلاندى

2013.03.14 14:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى ئۈرۈمچى 13-مارت خەۋىرى : 13-مارت سائەت 00:11 دە ، شىنجاڭ تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە ، ليەنيۈنگاڭ–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى G30 نىڭ توقسۇن ناھىيەسى بۆلىكىنىڭ 3474 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە تۆت ئاپتوموبىل ئارقىمۇ ئارقا سوقۇلۇشتەك ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەم قاپسىلىپ قالغان .

  توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى خەۋەرنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن بىرنى ۋە ئالتە نەپەر خادىمنى دەرھال نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن . تەكشۈرۈش ئارقىلىق 豫DD288挂 تاختىلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ موتور قىسمى ئېغىر بۇزۇلغان ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇلغان پىكاپتا ئىككى ئادەم قاپسىلىپ قالغان . قاتناش ساقچى خادىملىرى نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ ، قاپسىلىپ قالغان ئۈچ كىشى قۇتقۇزۋېلىنغان ، جەمئىي 41 ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان ، دۆلەت يولى G30 دە ئۈچ سائەت قاتناش توسۇلۇپ ، 400 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تۇرۇپ قالغان . نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە