باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشكە ۋەدە بېرىشى مۇمكىن

2013.03.15 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد رىزا رەھىمى ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازما ۋەدە بېرىپ، يادرو قورالىنى تەتقىق قىلماسلىق ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ دېدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى جامېس كلاپپېر ئىران سىرتقى دۇنيا بايقىمىغان ئەھۋالدا، بىر ئاتوم بومبىسى ياساشقا يېتەرلىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرالمايدۇ دېدى. ئىران مەھدى ئاگېنتلىقى 12-مارت رەھىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يادرو قورال تەتقىق قىلماسلىق ھەققىدە يازما ۋەدە بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ دېدى. جامېس كلاپپېر ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەڭگۈ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشنى قوغلاشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماقچى بولسىمۇ، لېكىن رەھىمى تېھراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنىدىغان كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلىنى تىلغا ئالمىدى دېدى. ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ئايەتۇللا ئەلى ھامىنىي ئىلگىرى ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىران يادرو قورال تەتقىق قىلمايدۇ دەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئامېرىكىنىڭ خاپا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دىنىي ئېتىقادنى ئاساس قىلىپ قارىغاندا، يادرو قورالى ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان جىنايەت دېگەن ئىدى. ئىران مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇش، پايدىلىنىش ھوقۇقى بار، ئىران يادرو ئېنېرگىيەسى تەتقىقاتىدا ئاممىۋى ئىشلارغا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئىران ئاممىۋى يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يادرو قورالنى مەخپىي تەتقىق قىلدى دەپ قاراپ، ئىراندىن يادرو تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىران ھەقىقەتەن يادرو قورال تەتقىق قىلغان ھەم بىر قىسىم ئالاقىدار پائالىيەتلىرى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېدى.

  يادرو تۈرىدىكى ئىختىلاپنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت بولغان ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ھەم گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرى كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، توختىماي ئىجابىي سىگنال بەردى، ئەمما %20 قويۇقلۇقتىكى ئۇراننى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق قارالمىلاردا ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئاستا بولدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى جامېس كلاپپېر 12-مارت ئىراننىڭ سۈرۈشتۈرۈپ بىلەلمىگەن ئەھۋالدا، بىر ئاتوم بومبىسى ياساشقا يېتەرلىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يوق دېدى. ئۇ ئىران ھەقىقەتەن يادرو تۈرى تەتقىقاتىدا خېلى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ باھالىشىغا قارىغاندا، ئىران ئالاقىدار پائالىيەتلىرى بايقىلىشتىن بۇرۇن، يادرو ماتېرىيالىنى بىخەتەر يۆتكەش ياكى يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەرلىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانگە ئىگە بولالمايدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. كلاپپېر مۇنداق دېدى: ئىران يەنىلا ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەگەر ئىران مۇشۇنداق قىلىشنى تاللىسا، ئۇنداقتا بۇلتۇر ئىران ئېرىشكەن ئىلگىرىلەش ئىراننى يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇران جەھەتتىن پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. بىراق كلاپپېر ئامېرىكىنىڭ بۇلتۇرقى كۆز قارىشىنى قايتا تەكىتلەپ، ئىران يەنىلا يادرو قورال تەتقىق قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە ئاخىرقى قارار چىقارمىدى. بىز ئىراننىڭ ئاخىرىدا يادرو قورال تەتقىق قىلىپ ياساش-ياسىماسلىقىنى بىلمەيمىز دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە