- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ سىرىلانكا پىرېزىدېنتى راجاپاكسا بىلەن تېلېفونلاشتى
2013.03.17 13:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت چۈشتىن كېيىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە سىرىلانكا پىرېزىدېنتى راجاپاكسا بىلەن تېلېفونلاشتى. راجاپاكسا شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
راجاپاكسا مۇنداق دېدى: سىرىلانكا بىلەن جۇڭگو-يېقىن دوستلار، ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ ئالاقىسى قويۇق، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول، نەتىجىلىك بولدى. سىرىلانكا جۇڭگونىڭ سىرىلانكىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. شى جىنپىڭ راجاپاكسانىڭ ئۆزىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا-ئەنئەنىۋى ياخشى قوشنىلار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىپ كەلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرىلانكىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، سىرىلانكىغا كۈچىنىڭ بارىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە