باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ TPP سۆھبىتىگە قاتناشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى

2013.03.16 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى، 2010-يىلى ياپونىيەنىڭ يوكوخاما شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا، ھەممە تەرەپ بىردەك ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ياكى پىلانلىنىۋاتقان 10+3، 10+6 مېخانىزملىرى ۋە تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق كېلىشىمى (TPP) قاتارلىق ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلدە ئاقىدىغان يولى قىلىنسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. نۆۋەتتە تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق كېلىشىمى ۋە رايونلۇق ئومۇمىي ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىقلارنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئالاقىدار سۆھبەتلەر تەڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. ھەممە تەرەپ بۇ رېياللىققا ھۆرمەت قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىتقىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، رايوننىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇش ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئالاقىدار سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشى ياكى ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، بىز مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى پەرقلىقلىقى ۋە كۆپ مەنبەلىكلىكىنى تولۇق نەزەرگە ئالغان ئاساستا، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە