باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامېرون ئارگېنتىنانىڭ ماجىرا بولىۋاتقان ئارالدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.03.17 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 12-مارت ئارگېنتىنانىڭ فوكلاند تاقىم ئارىلىدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئارگېنتىنا بۇ ئارالنى مالۋىناس تاقىم ئارىلى دەپ ئاتايدۇ. فوكلاند تاقىم ئارىلىدا يېقىندا بۇ رايون ئەنگلىيەنىڭ چەتئەلدىكى زېمىنىلىك ئورنىنى ئۆزگەرتمەستىن داۋاملىق ساقلاپ قېلىش قالماسلىق توغرىسىدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىلدى. %99.8 ئاۋاز بەرگۈچى بۇنى قۇۋۋەتلەپ ئاۋاز بەردى.

  كامېرون مۇنداق دېدى: گەرچە فوكلاند تاقىم ئارىلى ئەنگلىيەگە يىراق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەنگلىيەگە مەنسۇپ، ئەنگلىيە فوكلاند ئارىلىنى ئىزچىل تۈردە قوغداپ كەلدى.

  ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇن ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: مالۋىناس تاقىم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش قانۇنسىز، ئارگېنتىنا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە