باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنى تەبرىكلىدى

2013.03.17 14:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:قىسمەن دۆلەت رەھبەرلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرى، پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە قىسمەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگونىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلەرنى تەبرىكلىدى.

  رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتتىن، تايلاند پادىشاھى بۇمىبول، موڭغۇلىيە پرېزدېنتى ئىلبىك دورجى، مالدىۋى پرېزدېنتى ۋاھىد، تۈركىيە پرېزدېنتى گۈل، مېكسىكا پرېزدېنتى پېنىللا، كابودژانىڭ باش ۋەزىرى خوڭسېن، كانادانىڭ باش مىنىستىرى خارپىر، شۋېتسىيەنىڭ باش ۋەزىرى رېيىنفىلد، كورىيە يېڭى دۆلەت پارتىيىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يوۋلۈ، 67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى ئىرمىچ قاتارلىق 30 دىن كۆپرەك رەھبەر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  كامېروننىڭ پرېزدېنتى،خەلق دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بىيا؛ گۋىئانا پرېزدېنتى رامۇتال قاتارلىق رەھبەرلەر مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  تۈركمەنىستان پرېزدېنتى بەردىمۇھەممەدتوپ، رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى مىدۋېدېۋ، پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئەشرەپ، قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئەخمەتوف، قىرغىزىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىتىۋالدىيوف، تاجىكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ھاجىروف، كانادانىڭ باش مىنىستىرى خارپىر، بىلروسىيەنىڭ باش مىنىستىرى مىياسنىكىۋىچ، ئۇكرائىنانىڭ باش مىنىستىرى ئازاروف، سىنگاپورنىڭ باش مىنىستىرى لى شيەنلوڭ، ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پرېزدېنتى رەھىم، نېپال مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېيگىم قاتارلىق 23 رەھبەر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى راسو، پاكىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مىرزا، موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارىنىڭ رەئىسى ئىنخىباۋلېد قاتارلىق 14 رەھبەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  ئۇندىن باشقا موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارىنىڭ رەئىسى ئىنخىباۋلېد، بىلروسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماركىن قاتارلىق رەھبەرلەر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى. پاكىستاننىڭ پرېزدېنتى زەردارى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە