باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن: يۇرتداشلىرىمنى ھاللىق تۇرمۇشقا يەتكۈزىمەن، دېدى

2013.03.13 16:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل ياسىن تۇرسۇننىڭ ياتىقىغا كىرگىنىمدە ئۇ كومپيۇتېرىدىكى شەخسىي مىكرو بىلوگىنى رەتلەۋاتقانىكەن. ئۇ ماڭا: كەنتىمىز ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرماقچى، ئالدى بىلەن تورنىڭ تارقىتىش رولىدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ئاساسى سېلىۋالايمىكىن دەيمەن، دېدى.

  27 ياشلىق ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سەككىز ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ۋەكىلىنىڭ بىرى بولۇپ، 2009 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىقىغا ئىمتىھان بېرىشنى تاللاپ، ئائىلىسىگە ناھايىتى يېقىن بولغان قوشنا كەنت لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى ئاقچىكە كەنتىگە تەقسىم قىلىندى.

  2012 – يىلى 2 – ئايدا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، ياسىن تۇرسۇن يۇرتداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار ماڭا ئىشىنىدۇ، شۇڭا، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىم، ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىم كېرەك.

  ياسىن تۇرسۇن يېزىغا قايتقاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ تېرىقچىلىق شەكلىنى ئۆزگەرتكەن، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ئۇنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ: ئەينى چاغدا ئامالسىز ئائىلىمىزنىڭ 70 مو يېرىدە تەجرىبە قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدىم، دېدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاتىسى بىر تەرەپتىن، ئوغلىنىڭ خىزمىتىنى قوللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوغلىنىڭ يەرنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، كۈندە ئېتىز بېشىغا بېرىپ، مايسىلارنىڭ ئۈنۈش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن، كېۋەز مايسىسى ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولغان، بۇ ئىشقا قاراپ كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن.

  ھازىر كەنتتىكى %60 دېھقان تېمىتىپ سۇغىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 60 كىلوگىرامدىن كۆپرەك ئاشقان، ھازىر 3000 مولۇق ئەسلىھەلىك دېھقانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ياسىن تۇرسۇن: كەنت ئەمەلدارىنىڭ مەسئۇلىيىتى كەنت ئاھالىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىش، دېدى.

  ياسىن تۇرسۇن ۋە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۈچ يىللىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 6000 يۈەنگە يەتتى.

  ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن شۇ جايدا ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولدى ھەم ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ: شەخسىي ئىشىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆيگە يېقىن، ئاتا – ئانامغا قاراشقىمۇ پايدىلىق، ئومۇمنىڭ ئىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇرغۇن ئارزۇ – تىلىكىمگە تېخى يېتەلمىدىم، كەتسەممۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاللىق تۇرمۇش سەۋىيەسىگە يەتكەندىن كېيىن كېتىمەن، دېدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}