- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورىيە تاراتقۇلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارالنىڭ شەرقىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى دېدى
2013.03.16 15:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 15-مارت كورىيە ئارمىيەسى ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېرىم ئارالنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزدا توپ زەمبىرەك مەشىقى قىلىۋاتقان چاۋشيەن قىسمى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شەرقتىكى ئوچۇق دېڭىزدا قىسقا مۇساپىلىك ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. كورىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەربابى مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋشيەننىڭ توپ زەمبىرەك مەشىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قاتارلىق قىلمىشلىرى-11-مارت باشلانغان «ھالقىلىق ھۆكۈم» ناملىق كورىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتىلغان. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت-چاۋشيەننىڭ يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ-يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە