- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراق ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 120 مىڭ ئادەم قازا قىلدى
2013.03.16 14:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن (15-مارت)كى خەۋىرىگە قارىغاندا ، سەككىز يىلغا سوزۇلغان ئىراق ئۇرۇشىدا جەمئىي 120 مىڭ ئادەم قازا قىلغان ، 81 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەنگەن .
20-مارت ، ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى . ئەنگىلىيەدىكى بىر ژۇرنال بۈگۈن (15-مارت) ئىراق ئۇرۇشىغا ئائىت بىر تەتقىقات ماتېرىيالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ‹‹سەككىز يىلغا سوزۇلغان ئىراق ئۇرۇشىدا جەمئىي 116 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىراق پۇقراسى ۋە بىرلەشمە جەڭ ئېلىپ بارغان 4800 دىن ئارتۇق ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ، 81 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەنگەن ›› دېيىلگەن .
تەتقىق قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ، يۇقىرىقى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ، شۇنداقلا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان ماتېرىياللاردىن توپلانغان . تەتقىقات نەتىجىسىدە دېيىلىشىچە ، ئۇرۇشتا ئىراقنىڭ نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلىپلا قالماي ، يەنە روھىي ۋە جىسمى جاراھەتلەنگەن كىشىلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز ئىكەن ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەش مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇش سەۋەبىدىن سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتكەن .
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ، يارىلانغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان يارىلىنىش مەنبەلىك مېڭە توسۇلۇش ۋە باشقا تۈرلۈك پىسخىكىلىق توسالغۇلارغا گىرىپتار بولغان .
تەتقىقاتچىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىراق ئۇرۇشى گەرچە چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ 2011-يىلنىڭ ئاخىرى چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، بىراق ، ئۇرۇش چىقىمى سوممىسى بەلكىم يەنە ئېشىپ ، 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە