باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى يىللىق ئىستىمال ۋەقەلىرىنى ئېلان قىلدى

2013.03.16 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا، 2012-يىلىدىن 2013-يىلغىچە بولغان «15-مارت ئىستىمالچىلار كۈنى» يىللىق كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىستىمال ۋەقەلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋەقەلەر جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى تۈزىتىلمىسىگە كىرگۈزۈش، بىرقانچە يەردە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلان توختىتىش پەشتىقىغا بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسى، ئالما شىركىتىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ماددىلىرىغا باھا بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىستىمال ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ ئىستىمال ۋەقەلىرىدە، ئىستىمالدا ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمە، قائىدە تۈزۈملەرنىڭ توپلىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىر يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى تۈزىتىلمىسىگە كىرگۈزۈش؛ ئاپتوموبىل ئىستېمالىدىكى ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش بەلگىلىمىسى؛ شەخسى ئۇچۇرنى قوغداش دۆلەتلىك ئۆلچىمىنىڭ چىقىرىلىشى؛ توردا ئوپچە نەرسە سېتىۋېلىش يېڭى بەلگىلىمىسى، ئېنېرگىيە تىجەشچان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇقلىمىسى بېرىش، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپلىگەن سىياسەتلەر چىقىرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستىمال بىلەن ئالاقىدار بولغانلىرىدىن يەنە، شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىشقا چەكلىمە قويۇش سىياسىتى چىقارغانلىقى قاتارلىقلار بار.

  ئىستىمالچىلارنىڭ ساياھەت قىلىش، سەپەرگە چىقىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىدىن: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەقسىز ئۆتىشى ۋە دەم ئېلىش ئالتۇن ھەپتىلىكىدە داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا ئادەم پېتىشماي قېلىش؛ سانياغا ساياھەتكە بارغان ئىستىمالچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى؛ كۆپ جايلاردا يۈز بەرگەن يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلان توختىتىش پەشتىقىغا بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسى؛ چاغانلىق تىرانسىپورتتىكى توردا تالىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش يۇمشاق دېتالى ۋە بېلەت سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى؛ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، يۈرۈشتە چەك قويۇش ۋە تۇمان توزانلىق ھاۋارايىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى؛ چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەردە تاكسى توسۇش قىيىن بولۇپ كېتىش قاتارلىقلار بار.

  يېمەكلىك، دورا ئىستېمالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىمال ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر مەنزىل يىراق. ئامېرىكىنىڭ ياپىلاق شاپتۇل مېغىزى 40 يىلدىن بۇيان چوڭ ئۆرۈك مېغىزى ئورنىدا سېتىلغان.

  تەكشۈرۈپ باھالاپ چىقىلغان بۇ ئىستىمال ۋەقەلىرى ئىچىدە، ئالما شىركىتىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بەلگىلىمىسىگە باھا بېرىش؛ نايك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتتا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى؛ سامسۇڭ، ماۋتەي قاتارلىق 8 كارخانىنىڭ مونوپول قىلىۋالغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇلاردىن باشقا، يېمەك ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە رېستورانلاردىكى زاكازنى قايتۇرۇش دولقۇنى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ باھا جېڭى قاتارلىق ۋەقەلەرمۇ يىللىق ئىستىمال ۋەقەلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە