باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل ئادىل ھوشۇر: قەشقەردە ئات بەيگىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى

2013.03.16 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ماتېرىيال سۈرەت
  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئادىل ھوشۇر تەكلىپ بېرىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئامېرىكا، شياڭگاڭ ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئات بەيگىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى قۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  ئادىل ھوشۇر تەكلىپى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى، قەشقەردە ئات بەيگىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئىشقا ئېشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى؛ قەشقەر ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئەسلىدىنلا ئات بەيگىسى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىي بار؛ بۇنىڭغا قەشقەرنىڭ مەملىكەت، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى قوشقاندا، ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەندە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  ئادىل ھوشۇر مۇنداق تەكلىپ بەردى: قەشقەر شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى گۇاڭجۇ شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان ئاۋات گۈلىستان باغچىسى رايونىدا، مىللىيچە ناخشا ـ ئۇسسۇل، سېرىك ئويۇنى، ئەپەندىم تىياتىرلىرى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى گۇاڭجۇ ئات بەيگە مەيدانىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئات بەيگىسى مۇسابىقە تۈرىنى قوشقاندا، تېخىمۇ كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىك قاتارلىق 3-كەسىپنىڭ تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}