باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلىدىكى «7-مارت» دېلوسى پاش قىلىندى

2013.03.15 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلشىچە: كورلا شەھىرىدىكى «7-مارت» يامان غەرەزلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن رازۋېدكا قىلىشى ئارقىسىدا 14-مارت پاش قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 7-مارت سائەت 15:00لەردە، بايىنغولىن ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك «مىنجيا تاللا بازىرى»نىڭ ئىشىكىدە بىر قېتىملىق زوراۋانلىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بىر ياۋۇز پىچاق كۆتۈرۈپ بەش نەپەر بىگۇناھ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى (ئۈچ ئەر، بىر ئايال) يەتتە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تەكشۈرۈپ تەھقىقلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارى ھەزرىتىلى مامۇت بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە دېھقان ئىكەن (27 ياش) . ھەزرىتېلى مامۇت قىمارغا خۇمارى بار بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىكەن. بۇرۇن ئۈچ قېتىم پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم يارىلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىپ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن جازالانغان ئىكەن. دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەزرىتىلى مامۇت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقتىن، كەسكىن زىددىيەت ئۇنىڭ قەلبىدە جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئىستىكىنى ياندۇرغان ۋە ۋەقە تۇغدۇرۇپ ئامما تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە