باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2013.03.16 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  مېركېل لى كېچياڭنىڭ جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ سىز بىلەن تېلېفونلاشقان چەتئەل رەھبىرى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى گېرمانىيەگە، دۇنياغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ دوستى ۋە شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مېركېلنىڭ ئۆزىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم تەسىرى بار دۆلەتلەر، مەن يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مېركېل يەنە جۇڭگونىڭ ياۋروپانى قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە قىممەتلىق ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

  ئىككى تەرەپ يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كرىزىسى مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشى جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە