باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن تېلېفونلاشتى

2013.03.16 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن كەچتە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ھوللاندى فرانسىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ھوللاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فرانسىيە بىلەن جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، ئىككىلا دۆلەت دۇنيانىنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان زور خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى تەشەببۇسى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. فرانسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىرادىسى قەتئىي.

  شى جىنپىڭ ھوللاندىنىڭ ئۆزىنى تەبرىكلىگىنىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فرانسىيە تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان غەرب دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو فرانسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى فرانسىيە دىپلوماتىيىسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىغا ناھايىتى ئاپىرىن ئېيتىدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ئۆزگەرمەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن يېڭى پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپ دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە