باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇلتۇر دۇنيا مىقياسىدا ئوبامانى قوللاش نىسبىتى چۈشۈپ كەتتى

2013.03.14 17:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى تۆۋەنلەپ، يەر شارىدىكى ئاممىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانى قوللاش نىسبىتى ئازىيىپ، ئۇ 2009-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. بۇ تەكشۈرۈشنى نوپۇزلۇق ئورگان گاللۇپ شىركىتى قوزغىغان بولۇپ، «ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىپادىسىدىن رازى بولۇش-بولماسلىق»نى تېما قىلىپ، يۈزمۇ-يۈز ياكى تېلېفون زىيارىتى ئارقىلىق، يەر شارىدىكى 130 دۆلەت ياكى رايوندىكى 15 ياشقا تولغان مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى تەكشۈرگەن، بۇنىڭدىكى پەرق نىسبىتى 1.7 دىن 4.8 گىچە بولغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ 2012-يىلى ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىپادىسىگە بولغان ئوتتۇرىچە رازىمەنلىكى %41 بولۇپ، 2009-يىلى ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان چاغدىكى %49 تىن شۇنداقلا 2010-يىلىدىكى %47 تىن، 2011-يىلىدىكى %46 تىن تۆۋەن بولۇپ، ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ھەر قايسى دۆلەت ياكى رايونلاردىن قارىغاندا، گىۋىنىيەدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئوبامانى قوللاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، رازىمەنلىكى %89 كە يەتكەن، ئاندىن قالسا، كوسوۋو، مالى، بۇركىنافاسو، چاد، ئالبانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، رازىمەنلىكى %80 تىن يۇقىرى بولغان. ئەمما پاكىستان ئاممىسى ئوبامادىن ئەڭ نارازى بولۇپ، رازىمەنلىكى %12، نارازىلىقى %79 بولغان، ئۇندىن قالسا پەلەستىن ئاممىسى بولۇپ، رازىمەنلىكى %15، نارازىلىقى %77 بولغان، رۇسىيە ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكى %13، نارازىلىقى %41 بولغان، قالغان %42 ئادەم بىر نېمە دېيەلمەيمىز دېگەن. بۇندىن باشقا، شياڭگاڭ ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكى %44، نارازىلىقى %38، تەيۋەن ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكى %38، نارازىلىقى %22 بولغان، قالغان %40 ئادەم بىر نېمە دېيەلمەيمىز دېگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئامما گاللۇپ شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلمىغان.

  قىتئەلەردىن قارىغاندا، ئوباما ئافرىقىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىپ، ئوتتۇرىچە رازىمەنلىكى %70 كە يەتكەن، بىراق 2009-يىلىدىكى %85 لىك رازىمەنلىكتىن خېلىلا تۆۋەنلىگەن؛ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ رازىمەنلىكى %40، ئاسىيانىڭ رازىمەنلىكى %37 بولغان، ياۋروپانىڭ رازىمەنلىكى %36 بولۇپ، ھەر قايسى قىتئەلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن بولغان. گاللۇپ شىركىتى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا ياخشى ئوبراز تىكلىگەنلىكتىن، ئوبامانىڭ ئافرىقىدىكى قوللاش نىسبىتى ئالدىدا تۇرغان، ئەمما ئىتتىپاقداشلىرى توپلانغان ياۋروپادىكى قوللاش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 2012-يىلى قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قالغان ياۋروپا ئاممىسىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىگە بولغان ئاچچىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تەھلىلدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2009-يىلىدىن بۇيان، يەر شارى ئاممىسىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە تېرىشقان بولسىمۇ، لېكىن دۇچ كەلگەن خىرىس كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ كەتتى، بۇندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە