باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىنگى بىلەن تېلېفونلاشتى

2013.03.16 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن كەچتە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىنگى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  سىنگى لى كېچياڭنىڭ جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. سىنگى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. ھىندىستان جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى 21-ئەسىردىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ سىنگىنىڭ ئۆزىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر ۋە ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ۋە بازار ئىگىلىكىنى يېڭىدىن گۈللەندۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بوشلۇقى بارغانسېرى چوڭ، ئورتاق مەنپەئەتى بارغانسېرى كۆپ بولماقتا. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاۋۋالقىدەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھىندىستان بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە