باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە پاجىئەسى نېمە ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ؟(1)

2013.03.15 16:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مارتنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سۇرىيە كرىزىسى داۋاملاشقىنىغا توپ-توغرا ئىككى يىل بولدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، باشلىنىشتىكى تىنچلىق نامايىشىدىن ھازىرقى تىغ كۆتۈرۈشكىچە سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسىرى ناچارلىشىپ ئىچكى ئۇرۇشتا 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، مىليونلىغان ئادەم يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتى توختاپ قالدى.

  سۇرىيە كرىزىسى ئاتالمىش «ئەرەب باھارى»نىڭ داۋامى. كىشىلەر «ئەرەب باھارى» ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كىشىلەرگە ئۇلار ئارزۇ قىلغىنىدەك گۈزەل ئىستىقبال ئېلىپ كېلەرمۇ؟، بۈگۈنكى سۇرىيەدىكى شىددەتلىك ئۇرۇش، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىشلار بىز ئارزۇ قىلغان «باھار» مىدۇ دەپ ئويلىماقتا.

  غەرب ئىلگىرى مۆلچەرلەپ مۇنداق دەپ قارىغان: پىرېزىدېنتى باشار ئەسەد رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، شۇنداقلا يەنە سىرتنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچرىغانلىقتىن مالىيە كىرىمى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىز قالدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن سۇرىيە ھۆكۈمىتى كرىزىس ئىچىدە تاكى بۈگۈنكىچە ئاغدۇرۇلمىدى؟

  بىرىنچىدىن، غەرب ئەللىرى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالدى. سۇرىيە كرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، غەرب ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ، باشارنىمۇ تۇنىس پىرېزىدېنتى بىن ئەلى ياكى مىسىر پىرېزىدېنتى مۇبارەككە ئوخشاش ئاسان ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىدى، «سۇرىيە ھاكىمىيىتى پات ئارىدا ئاغدۇرۇلىدۇ» دەيدىغان پەرەزلەرمۇ تەكرار پەيدا بولدى. ھالبۇكى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي كۈچكە نىسبەتەن بۇ ھايات ماماتلىق ئۇرۇشى بولغاچقا پەقەتلا قارشىلىق كۆرسەتمەكتىن باشقا چېكىنىش يولى يوق ئىدى.

  ئىككىنچىدىن، گەرچە ھاكىمىيەت كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان شىئە مەزھىپىدىكى گۇرۇھنىڭ تارمىقى ئاللاۋى گۇرۇھى سۇرىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران ئون پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قوللانغان دىندىن خالىي سىياسەت ھەر قايسى مىللىي ۋە دىنى گۇرۇھلارنىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق بولدى، بۇنىڭدىن سىرت، باشقا خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئەربابلار ھەمدە درۇزېلار ۋە كۇرتلار قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ناۋادا سۈنئىي مەزھىپى ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، ئۇچىغا چىققان دىنى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىزدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرە باشار ھاكىمىيىتى داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنى تۈزۈك دەپ قارىدى. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇرىيە ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلئارىسىدا قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى.

  ئۈچىنچىدىن، ئۆكتىچى گۇرۇھ ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلدى. گەرچە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىق كۈچلىرى ھازىر ھەربىي ئىشلاردا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار سىرتقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتتىق شەرت قويۇپ، سۇرىيە كرىزىسىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە