باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2013.03.16 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە 14-مارت چۈشتىن كېيىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى. پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغانلىقىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئۆزلۈكسىز قۇدرەت تېپىشى، خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى-دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا رۇسىيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە پائال تەييارلىق قىلماقتا، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ تەبرىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن پىرېزىدېنت پۇتىن تۇنجى قېتىم تېلېفون بېرىپ مېنى تەبرىكلىدى، بۇ-سىزنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىڭىز ھەم رۇسىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەنمۇ ئوخشاشلا جۇڭگۇ-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى نىشانلىرىدىن بىرى قىلىمەن. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈتۈۋاتىمەن، مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ چوقۇم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە