باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

2013.03.16 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىن ئىجرائىيە رەئىسى يەن جۈنچى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 2957 ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى تۆۋەندىكىچە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ نامزاتىنى بېكىتىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى بېكىتىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاپ چىقىش.

  يىغىندا ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى ۋە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  ئاساسىي قانۇننىڭ 62-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا لى كېچياڭنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا كۆرسەتتى؛ فەن چاڭلوڭ، شۈ چىلياڭنى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى نامزاتلىقىغا، چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۈي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇۋشيا، ۋۇ شىڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخېنى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كۆرسەتتى. بۇ ئىككى نامزاتلار تىزىملىكى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقى نامزاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشى نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقتى، ھەيئەت رىياسىتى كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، رەسمىي نامزاتلار تىزىملىكىنى بېكىتىپ، ئومۇمىي يىغىنىنىڭ سايلام چىقىشىغا سۇندى.

  ئارقىدىن ئوخشىمىغان تۆت خىل رەڭدىكى ئاۋاز بېرىش بېلىتى ۋە سايلام بېلىتى پۈتۈن مەيداندىكى ھەر بىر ۋەكىلگە تارقىتىپ بېرىلدى.

  بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش، خىزمەتچىلەر بېرىلگەن ئاۋاز ۋە سايلام بېلىتى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەن جۈنچى: لى كېچياڭنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى، فەن چاڭلوڭ، شۈ چىلياڭنىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغانلىقى، چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۈي، چاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇۋشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخېنىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى، جوۋ چياڭنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ساۋ جيەنمىننىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئاۋاز بېرىش، سايلاش نەتىجىسى جاكارلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ۋەزىپە مۇددىتى توشقان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم يېڭىدىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن لى كېچياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. پۈتۈن مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۇزۇنغىچە ياڭرىدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}