باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

2013.03.16 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بولسا جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىي قىلسا ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىدۇ، ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى بارلىق خىزمەتلەردە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش لازىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسى شاخې شەھىرى لۇەنشې كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى لى چاڭگېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلاردا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە توساقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تيەنجىن يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى شې كېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزىلاردا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە كىنىشكا بېرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا يەر ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئائىت قانۇن نىزاملارنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشقان يېزا يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش بازىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى گەي رۇگېن تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىپ كېنىشكە بەرگەندىن كېيىن دۆلەت دەرىجىلىكتىن كەنتلەرگىچە قاتلاممۇ قاتلام تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش، ساننى ساقلاپلا قالماي، سۈپەتكىمۇ كاپالەتلىك قىلىش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر يولى دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى كۇزۇر كارخانىلارغا تايىنىپ، سانائەت كاپىتالى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، شەھەرلەر بىلەن كارخانىلار ئورتاق مەنپەئەت ئالىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭى يولدا مېڭىش لازىم، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىڭچېڭ شەھىرى سىجيا كەنت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ ۋېنچېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئاشتى، ئەمما كوللېكتىپ يۇمشاق مۇھىتنى ياخشىلاشقا مەبلەغ چىقىرالمايۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ مەبلەغنى كۆپەيتىپ، يېزىلاردا ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى، داۋالاش ئەسلىھەلىرى، مەدەنىيەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇمادىيەن شەھىرىنىڭ باشلىقى ليۇ گوچىڭ مۇنداق دېدى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نوقۇل دېھقانلارنى بىنالارغا ئېلىپ چىقىش ئەمەس، ئەڭ نېگىزلىك مەقسەت ــ دېھقانلارنى ئۆز يېرىدە شەھەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىگە قىلىش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭسۇ مېڭلەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چيەن يۆباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ئىلمىي پىلانلىشى، كۈچىگە يارىشا ئىش كۆرۈشى، كەڭ كۆلەمدە چېقىپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، قارغۇلارغا مەبلەغ سېلىپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ، كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}