باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندا مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا نەزەر

2013.03.16 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىياز پەسلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتىدۇ، شەھەر مەركىزىنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىرىدىن يىراق شۈنيى رايونىدا 11 مىللەتتىن بولغان 192 نەپەر تەرجىمان بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى يىغىننىڭ مىللىي تىل يېزىق تەرجىمىسى ئۈچۈن ئۈن تىنسىز خىزمەت قىلماقتا.

  قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلدە جۇڭگو مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى يىغىن كاتىبات باشقارمىسى مىللىي تىل يېزىق تەرجىمىسى گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، يىزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق 7 خىل مىللىيچە تىل يېزىق تەرجىمىسى، بەت ياساش، بېسىش، يىغىن مەيدانىدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا بىر ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىش، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالاقىدار ئاز مىللەت رايونلىرىدىكى گېزىتخانا، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى يىغىننىڭ ئاساسلىق تەرجىمە ھۆججەتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل قىلدى.

  تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جيەنخۇي مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىننىڭ مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە خىزمىتى دۆلەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاۋازىنى مىللىي رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ھەمدە ئاممىسىغا يەتكۈزىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە