باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھات ئارقىلىق ئەڭ چوڭ نەپكە كەڭ خەلق ئېرىشسۇن

جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

2013.03.17 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 15-كۈنى، 57 ياشقا قەدەم قويغان لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ مەزگىلدىكى جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغانىدى. لى كېچياڭ يېڭى جۇڭگودا تۇغۇلغان ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرلۇقى ۋە قانۇنشۇناسلىق باكلاۋىرلىقىغا ئېرىشكەن تۇنجى زۇڭلى.

  ئۆتكەن بەش يىلدا ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش كۈچى، مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش، كەسىپتە جەسۈر ۋە كەسكىن بولۇشتەك خىزمەت ئىستېلى ھەممە تەرەپنىڭ چوڭقۇر قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنىدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو 30 نەچچە يىللىق ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە زىددىيەت كۆپەيگەن، ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويدى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى يېتەكلەپ ئىلمىي تەرەققىيات ئاساسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق دەۋرگە كىرىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى داستان خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر باشلىنىش. خەلق سارىيىدا، 3000غا يېقىن خەلق ۋەكىلىنىڭ ئالقىش ساداسى ئالدىدا، لى كېچياڭ سالماق تەبەسسۇم ئىلكىدە چوڭقۇر تەزىم قىلىپ، بىر چوڭ دۆلەت زۇڭلىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش غەيرىتىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭدەك پىشقان بىر سىياسىئوننىڭ پۇلاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە پاراسەت كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە