باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم «زەھەرلىك ھاراق»تىن زەھەرلەندى

2013.03.17 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. لىۋىيەدىكى «زەھەرلىك ھاراق كىرىزىسى»نى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇسامەت جالىل 16-مارت شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا تىرىپولىدا يۈز بەرگەن ناچار سۈپەتلىك ھاراقتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسىدە 87 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 1044 ئادەمدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەھەرلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  جالىل مۇنداق دېدى: 14-مارتتىن باشلاپ، تىرىپولى شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن داۋالانغىلى كەلگەن زەھەرلەنگەن بىمارلار كۆرۈلمىگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق «زەھەرلىك ھاراق» كىرىزىسىنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. تۇنىستىن كەلگەن داۋالاش ئەترىتى لىۋىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىمارلارنى قۇتقۇزۇۋېتىپتۇ، كۆپ ئادەملەرنىڭ كېسەللىك ئالامىتىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە،، 10-مارت كەچتە قسىمەن ئادەملەر ناچار سۈپەتلىك ھاراقتىن زەھەرلىنىپ، تىرىپولىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن، شۇ كۈنى كەچتە 4 ئادەم قازا قىلغان، ئارقىدىنلا، قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا.

  لىۋىيە خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ھاراق-شاراب چەكلەنگەن. ئەمما لىۋىيە ئۇرۇشتىن كېيىن چېگرا باشقۇرۇش ئىشلىرى بوشاپ قېلىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلاشقان، كۆپلىگەن ياشلار نەشە قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم ۋە ھاراق بىلەن ئۆزىنى-ئۆزىنى مەس قىلىپ يۈرگەن. ئىش چىققان ھاراق قانۇنسىز ئېچىتىلغان ھاراق بولۇپ، ھاراقتا مېتىل ئىسپىرت قاتارلىق زەھەرلىك ماددا بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە