- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورېيە تاراتقۇلىرى: چاۋشيەن ئوچۇق دېڭىزغا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ ئاتتى
2013.03.17 14:04 مەنبە: خەلق تورى
كورېيە تاراتقۇلىرى 15-چېسلا چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شەرقىي دېڭىز تەرەپتىكى ئوچۇق دېڭىزغا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ ئاتتى، دېگەن. كورېيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي دېڭىز رايونىدا توپقا تۇتۇشنى مەشىق قىلىۋاتقان چاۋشيەن ئارمىيىسى 15-چېسلا ئوچۇق دېڭىزغا KN-02 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى بومبىنى سىناق قىلىپ ئاتقان، مەقسىتى قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش بولۇشى مۇمكىنكەن.
بۇ ئەرباب مۇنداق كۆرسەتكەن، بۇ قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى چاۋشيەننىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىر ھالقىسى بولماستىن، بەلكى ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ مەشىق مەزمۇنى بولۇشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە