باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2013.03.17 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆز قولىدىكى سايلام بېلىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىنتىزارى ۋە ئارزۇسىنى ئىسپاتلىدى - شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  ئۆتكەن يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانىدى. ئەمدى ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىك ۋە جۇڭگو مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىگە ئايلاندى.

  10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا گۇلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى...

  شى جىنپىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى. ۋەكالەت مۇددىتى توشقان خۇ جىنتاۋ شى جىنپىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشتى ھەمدە ئۇلار بىر-بىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋ زېدۇڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەردىن كېيىنكى 7-نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە