باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرى: ئەسلىدىكى تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىكى 903 نەپەر مەمۇر قايتا تەقسىم قىلىنىدۇ

2013.03.18 14:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

-مارت، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، مەيدىسىگە نۇرغۇن مېدال تاقىۋالغان پېشقەدەم تۆمۈر يول خىزمەتچىسى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە
  17-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7لەردە، ‹‹جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى›› ۋىۋىسكىسى بېيجىڭ شەھىرى غەربىي چاڭئەن كوچىسى فۇشىڭ يولى 10-نومۇرغا ئېسىلدى، ئەسلىدىكى تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېلىۋېتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 64 يىل ئېسىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۆمۈريول مىنىستىرلىقى›› ۋىۋىسكىسى جۇڭگو تۆمۈريول مۇزېيىدا ساقلىنىدىكەن.

  17-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرى خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىدىكى 903 نەپەر مەمۇرنىڭ بەزىلىرى بۇ شىركەتكە، بەزىلىرى قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى، ياكى دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسىغا، يەنە بەزىلىرى بولسا جايلاردىكى ئىدارىلەرگە كىرىدىغان بولۇپ، كونكېرت تەقسىم قىلىش لايىھەسى تېخى بېكىتىلمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە