- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاسپىرانتلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىر قاتلىنىپ، ھەر ئايلىقى 500 يۈەنگە چىقىدۇ
2013.03.18 16:00 مەنبە: خەلق تورى
ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پۇلى تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشغا ئەگىشىپ، كېلەر يىلدىن باشلاپ مەكتەپتىكى ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ھەر ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىكەن. بۇ مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى چاقىرغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا ئىگىلىگەن خەۋىرى.
204- يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىچىدە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاسپىرانتلارغا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئادەتتىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاسپىرانتلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە