باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى

2013.03.18 10:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى( 2013-يىلى 17-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ماقۇللاندى)

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىدىكى تەلەپ ۋە نىشان ۋەزىپىلەر قۇۋەتلەندى. يىغىندا، دوكلاتتىكى بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بېرىلگەن تەكلىپتە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىكەن دەپ قارالدى. يىغىندا بۇ دوكلات تەستىقلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي تېما، ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، خىزمەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}