باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق شىنجاڭدىكى 11 ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى

2013.03.18 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىئو مەركىزى مۇدىرى پەرھات يۈسۈپ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى دىلشاد تۇرسۇن بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويماقتا.
  ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇندىن كېيىن مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كۈندىلىك ئاڭلاتقان پروگراممىلىرىدىن شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تولۇق ئاڭلىيالايدىغان بولدى. مېدىيالار ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە تەرەققىيات يارىتىشنى مەقسەد قىلغان مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىئو مەركىزىنىڭ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان 11 ئاخبارات ۋاستىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇراسىمى 18 – مارت شىنجاڭ «كوئېنلۇن» مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ تيېچى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىستانسىمىز شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق ئاخبارات ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش رولىنى ئۆتەپلا قالماستىن يەنە ئۇچۇر تارقىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا ئىككىلا تەرەپنىڭ داڭلىق ماركا تەسىرىنى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى يارىتىدۇ. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا مۇھىم خەۋەرلەرنى تارقىتىش، مېدىيا ماركىسىنى يارىتىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنىغا لايىق مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، يېڭىچە ئۇيغۇرچە رادىئو ئۇچۇر تارقىتىش تورى شەكىللەندۈرىدۇ.

  مۇراسىمدا مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىئو مەركىزى مۇدىرى پەرھات يۈسۈپ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى دىلشاد تۇرسۇن بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، دۆلەت رادىئو ئىستانسىسى بولغان، بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كۈندىلىك ئاڭلىغۇچىلىرى ھازىر 700 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئاڭلىغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى 1956 – يىلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويغان. 2010 – يىلى 17 – دېكابىر ئۇيغۇرچە ئاڭىتىش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 8 سائەتتىن 18 سائەتكە يەتكۈزگەن، 2011 – يىلى 10 – دېكابىر مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىئو مەركىزى ئۈرۈمچىدە رەسمىي ۋېۋىسكا ئاسقان، 2012 – يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزىقىدا يانفون گېزىتى ۋە يانفون رادىئوسىنى تارقىتىشنى باشلىغان. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىىرى دىلشاد غوجا ئەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى، فوتوسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە