- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
2013.03.18 13:43 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى جاڭ گاۋلى، ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، ماكەي 17-مارت خەلق سارىيىدا ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلغان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: بىز خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، بىز ئاساسىي قانۇن، خەلققە سادىق بولۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يۆنىلىشى قىلىمىز. خەلقنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېرىشىپ مۇقەددەس مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، قانۇندىن ھېيىقىدىغان، خەلقنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۈستىگە ئېلىش، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت بولۇپ، بارلىق خەلققە بەخت يارىتىپ، قۇدرەت تاپقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنىڭ نىشانى-ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش. ھۆكۈمەت بۇندىن كېيىن ئىقتىسادنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كاپالەتنى ھازىرلىشى كېرەك. بىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھى ئارقىلىق، زامانىۋى ئىقتىساد، زامانىۋى جەمئىيەت، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. لى كېچياڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: چىرىكلىك بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئابرۇيى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ. پاك ئىش بېجىرىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئۆزىمىزنى دۇرۇس تۇتقاندىلا، ئاندىن ئالىيجاناب ئادەم بولغىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئالغان ئىكەنمىز، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، بايلىق توپلاش قارىشىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. بىز پۈتۈن جەمئىيەت، تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالايمىز.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاددىي-ساددا ھۆكۈمەت ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش لازىم. ئىسلاھاتتا بۆسۈش ياسايدىغان مۇھىم جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇپ، پايدىنى يەنىمۇ قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ؟ لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇپ گەپ قىلىپ يۈرگەندىن دادىللىق بىلەن قول سېلىپ ئىشلىگەن ياخشى. جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقىغا توسالغۇ بولىدىغان قائىدىلەرنى ئۆزلۈكسىز بىكار قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن قائىدە ئۈستىدىن ئاشكارا قائىدە ئارقىلىق غەلىبە قىلىش كېرەك، ھازىر مەنپەئەتكە چېقىلىش كۆپ ھاللاردا مەنىۋىيەتكە چېقىلىشتىن تەسكە توختايدۇ. لېكىن سۇ قانچە چوڭقۇر بولسا، بىز شۇنچە كىرىپ بېقىشىمىز كېرەك، چۈنكى باشقا تاللىشىمىز يوق، ئۇ-دۆلەتنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا باغلىق. لى كېچياڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش-ئادەمنى يادرو قىلىدۇ دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر 260 مىليونچە دېھقان ئىشلەمچى بار، ئۇلار ئارىسىدىكى ئارزۇلىرى بار كىشىلەرنى تەدرىجىي شەھەرلەرگە سىڭدۈرۈش-بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇرەككەپ جەريان، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش ھەم مۇلازىمەت كاپالىتى بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا يايمىنى يوغان ئېچىۋېلىشقا تايىنىۋالماستىن، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. يەنە شەھەر كېسىلىدىن ساقلىنىپ، بىر تەرەپتە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، بىر تەرەپتە كەپىلىك مەھەللىلەر سوزۇلۇپ ياتقان ئەھۋال پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت يەنە ئون مىليون ئائىلىلىكتىن ئارتۇق تۈرلۈك كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىدى. لى كېچياڭ مۇھىت بۇلغىنىش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ زور ئىرادە باغلاپ، تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ئىشلارنى تۈزىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ نۇقتىلىق جايلاردىكى ئېنىقلانغان سۈنئىي ئامىللارنى چەكلىك مۇددەتتە تۈزەپ، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىغا قارىتا، تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، قەتئىي تەرتىپكە سېلىشىمىز كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كەلسەك، ئۇنى ناھايىتى چوڭ مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ، ھۆكۈمەت قارا نىيەت بىلەن ساختا، ناچار يېمەكلىكلەرنى ياساش، سېتىشنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قاتتىق بەدەل تۆلەتكۈزۈشى كېرەك. لى كېچياڭ يەنە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، شياڭگاڭغا قارىتىلغان سىياسەت، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
${KEYWORD}