باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىلى شىنجاڭ خەلق ئىشلىرىغا 7 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2013.03.18 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى، مەركەز 5 مىليارد 920 مىليون يۈەن، شىنجاڭ 1 مىليارد 930 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغان 10 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، سەھىيە جەھەتتە: پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلارنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغى 590 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، 3 مىليون 190 مىڭ ئاھالە نەپكە ئېرىشكەن. تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش جەھەتتە: بۇلتۇر ئىككى قېتىم تۆۋەن كاپالەت سوممىسىنىڭ ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەن. پۈتۈن رايوندىكى تۆۋەن كاپالەت سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 247 يۈەن ۋە 113 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان؛ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى جەھەتتە: پۈتۈن يىلدا 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 1642 نەپەر مېيىپ بالىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەھەتتە: پۈتۈن يىلدا 738 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويۇمى تارقىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە