باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ

2013.03.18 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى غەلبىلىك يېپىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭ زالىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ: ئاپپارات ئىسلاھاتى ئاسانغا چۈشمەيدۇ، فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش تېخىمۇ قىيىن، چۈنكى ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ئىگە. مەن جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈستىدە بولغان چېغىمدا، بىرەر ئىشنى بىجىرىش، بىرەر ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئون نەچچە يەرگە تامغا باستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ دېگەندەك ۋايساشلارنى دائىم ئاڭلايمەن. ئامما بۇنىڭدىن نارازى ئىكەن. بۇ ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم چىرىكلىشىش ياكى ياردەم ئىزدەش دېگەندەك قىلمىشلارنى ئاسان پەيدا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشنى مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلاش شەرت. نۆۋەتتە گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى 1700 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتىش ئىرادىسىگە كەلدى. (خەلق تورىنىڭ نەق مەيدان خەۋەرلەر گۇرۇپپىسى)

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}