باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋىيېتنامدىكى سىرلىق تېرە كېسىلىنى كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن

2013.03.21 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىيېتنام تاراتقۇلىرىنىڭ 19 – مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋىيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كۋاڭ ڭاي ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن 215 كىشىدە سىرلىق تېرە كېسىلىنى كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچ ئىستېمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىغان.

  ۋىيېتنام سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى پەن جوڭلەن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ھەپتە مىنىستىرلىقىمىز ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى ئاھالە ئىستېمال قىلغان گۈرۈچتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ، كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىن تەركىبىنىڭ نورمال قىممەتنىڭ توققۇز ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرە كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچنى ئىستېمال قىلغان. ئافلاتوكسىن تەبىئىي يېمەكلىكلەردە بولىدىغان توكسىن، ئاشلىق مۇۋاپىق ساقلانمىغاندا ئاسانلا ئافلاتوكسىن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

  ۋىيېتنامدىكى سىرلىق تېرە كېسىلى دەسلەپتە 2011 – يىلى بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 215 كىشى يۇقۇملىنىپ، 23 كىشى قازا قىلغان. يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۋاڭ ڭاي ئۆلكىسىدە بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ تىپىك ئالامىتى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قول – پۇتلىرىنىڭ تېرىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇلتۇر 8 – ئايدا بۇ كېسەل تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل 2 – ئايدا يەنە كۆرۈلگەن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە