باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىراقتا ئۇرۇشنىڭ ئاسارىتى تېخى تۈگىمىدى(1)

2013.03.21 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-مارت ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئىراقتا كۆپ قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 50دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 160دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار رادىكال تەشكىلات ئىلگىرى: بۇ ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئون يىللىقىنىڭ خاتىرىسى دېگەن. ئون يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆزگەردى، ئىراق شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىدە بۇ سەۋەبتىن غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاسارىتى بۈگۈنگىچە ساقايماي، ئىراقنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى.

  ئىراق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن ئىراق تەڭ بەدەل تۆلىدى.

  2002-يىلى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى: ئىراقنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ياساۋاتىدۇ ھەمدە ئاستىرتتىن تېررورچىلارنى قوللاۋاتىدۇ دەپ جاكارلىغان، ئامېرىكا بۇنى باھانە قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەپسىزلىك كېڭىشىدىن چەتنەپ ئۆتۈپ، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىراققا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي زەربە بەرگەن.

  2003-يىلى 20-مارت، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالتىنى ئىراقنىڭ پايتەختىدىكى قىسمەن مۇھىم نىشانلارغا قويۇپ بەردى، باغدات ئاسمىنىدا پارتلاش ساداسى ۋە ھاۋا مۇداپىئىسى زەمبىرىكىنىڭ ساداسى ياڭراپ ئىراق ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى.

  ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى، ساداممۇ 2006-يىلى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن دارغا ئېسىلدى. ھالبۇكى، 2011-يىلى 18-دېكابىر ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققانغا قەدەر، يەتتە يىلدا ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار»نى باشتىن ئاياغ تاپالمىدى. بۇ ئۇرۇش بارلىق تەشەببۇسكار ۋە پاسسىپ قاتناشقۇچىلارغا ئېغىر جاراھەت قالدۇردى.

  بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئالدى بىلەن ئىراق خەلقى بولدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىراق ئۇرۇشىدا ئاز دېگەندە 134 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭغا مۇخبىر ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى قاتارلىقلارنى قوشقاندا قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 170 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. «ئوپېراتسىيە پىچىقى» دېگەن داڭلىق مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا 2006-يىلى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا: تەخمىنەن 650 مىڭ ئىراقلىق ئۇرۇشقا قازا قىلدى دېيىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە