- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئالتە ئۆلكىنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى
2013.03.21 17:34 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارار قىلدى: يولداش جوۋ بېنشۈن ج ك پ خېبىي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقى ۋە شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. يولداش ۋاڭ شيەنكۇي ج ك پ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. يولداش چياڭ ۋېي ج ك پ جياڭشى ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقى ۋە شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. يولداش گو گېڭماۋ ج ك پ خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش شۈ شوۋشېڭ ج ك پ خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. يولداش لۇ خاۋ ج ك پ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقى ۋە مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش گو شۇچىڭ ج ك پ شەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقى ۋە مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە