باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋولكىسۋاگىن شىركىتى مەسىلە كۆرۈلگەن 380 مىڭ ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇپ كەلدى

2013.03.21 17:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 20-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق كۆرسەتتى، DSG سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچتە چاتاق كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ۋولكىسۋاگىن ئاپتوموبىل (جۇڭگو) سېتىش چەكلىك شىركىتى، يىچى-ۋولكىسۋاگىن ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، شاڭخەي ۋولكىسۋاگىن ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى «چاتاق كۆرۈلگەن ئاپتوموبىللارنى قايتۇرۇۋېلىش-باشقۇرۇش نىزامى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىگە قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ مەسىلە كۆرۈلگەن 384 مىڭ 181 ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلدى. (مۇخبىر جۇ لىيى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە