باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن 9 ۋەزىپىنى بېكىتتى: بىر تۈركۈم مەمۇرىي-كەسپىي ھەق ئېلىشنى بىكار قىلدى

چېن چياۋ

2013.03.20 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1) مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا دائىر بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ئازايتىش ۋە تۆۋەنگە بېرىش، ھەقىقەتەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا، ئىجازەت قىلىشقا، ئەنگە ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان تۈرلەردە رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ۋاقىت چەكلەپ بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان سېلىنما تۈرلىرى كاتالوگىنى ئېلان قىلىش.

  (2) دۆلەت ياردەم پۇل بېرىش، ئۆسۈم ياردىمى بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يار-يۆلەك بولىدىغان بىر تۈركۈم يەرلىك تۈرلەرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش.

  (3) ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىگە ۋە مەھسۇلات-بۇيۇملارغا دائىر بىر تۈركۈم ئىجازەت تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۈرلۈك ئاپپاراتلارغا ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان بىر تۈركۈم بېكىتىش قاتارلىق ئىجازەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ياتمايدىغان تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

  (4) ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، باھالاش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قانۇنلاردا، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى گوۋۇيۈەن ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  (5) بىر تۈركۈم مالىيە خاراكتېرلىك مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى ئازايتىش، بىرلەشتۈرۈش، يەرلىكنىڭ باشقۇرۇشىغا لايىق كېلىدىغان بىر تۈركۈم مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش.

  (6) رويخەتكە ئېلىش مەبلىغىنى نەق يىغىپ تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمىنى تاپشۇردى دەپ ئېتىراپ قىلىپ تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش سودا-سانائەتتە تىزىمغا ئېلىش شەرتىنى بوشراق قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

  (7) بىر تۈركۈم مەمۇرىي-كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرى ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

  (8) ئىجازەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ياتمايدىغان تۈرلەرنى تەسىس قىلىش ۋە يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر كونكرېت چارىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ سودا جەمئىيىتى تۈرىدىكى، پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى، جامائەت پاراۋانلىقى ۋە ساخاۋەت تۈرىدىكى، شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمىتى تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىۋاسىتە تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمىنىڭ لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىش.

  (9) ئۆي، ئورمانلىق، ئوتلاق ۋە يەرنى تىزىملاش مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش. شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە