باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ فاڭساۋخۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ پارا يېگەنلىكتىن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2013.03.19 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خىزمەتتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ مال ـ مۈلۈك قوبۇل قىلىپ، قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان شۇنداقلا غايەت زور مىقداردىكى مال ـ مۈلۈكىنىڭ كېلىشى مەنبەسى نائېنىق بولغانلىقتىن، بىڭتۇەن 6-دېۋىزىيەسى فاڭساۋخۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ شىنجياڭ تۈرمىگە قامالدى. ئۇ يېقىندا جىمسار ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتىدا پارا ئېلىش جىنايىتى، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى، غايەت زور مىقداردىكى مال ـ مۈلۈكىنىڭ كېلىش مەنبىئى نائېنىق بولۇش جىنايىتى قاتارلىق بىر قانچە خىل جىنايەت بىلەن مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  ليۇ شىنجياڭ بۇ يىل 43 ياش، 2010-يىلى 2-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئايغىچە فاڭساۋخۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى بولغان. 2012-يىلى 9-ئايلاردا خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئالىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ بېكىتىشى بىلەن جىمسار ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. سانجى ئوبلاستلىق چوڭ، مۇھىم دېلولارغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە، دېلو بىجىرگۈچى خادىم نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئىسپات توپلىغان.

  يېقىندا، جىمسار ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ بۇ دېلوغا قاراپ چىققان، سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ليۇ شىنجياڭ فاڭساۋخۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇشتەك خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ پايدىغا ئېرىشكەن، كۆپ قېتىم ئىدارە ۋە شەخسلەردىن ئالغان پۇل ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسىدىكى ئومۇمىي سومما تەخمىنەن 61 مىڭ 300 يۈەنگە يەتكەن.

  سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ليۇ شىنجياڭنىڭ ھازىر بار بولغان مال ـ مۈلىكىنىڭ ئەمەلىي كىرىمىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ليۇ شىنجياڭنىڭ ئائىلىسىنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە تۈرلۈك كىرىم ـ چىقىمى 2 مىليۇن 727 مىڭ 321 يۈەن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ قانۇنلۇق كىرىمى، ئائىلە قەرزى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، ليۇ شىنجياڭنىڭ 970 مىڭ يۈەن پۇلىنىڭ كېلىش مەنبىئى ئېنىق بولمىغان.سوت مەھكىمىسى ليۇ شىنجياڭنىڭ فاڭساۋخۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇشتەك خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، زاڭ مال قوبۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھاۋالىلىك مال مۈلىكىنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىپ، باشقىلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى قوبۇل قىلىپ، سوت جەريانىدا ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ قانۇننى بۇزۇپ يەڭگىللىك بىلەن ھۆكۈم چىقارغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ مىقداردىكى مال ـ مۈلىكىنىڭ كېلىش مەنبىئى نائېنىق بولغانلىقتىن سەككىز يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

  نۆۋەتتە، ليۇ شىنجياڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە