دۆلەتلىك موڭغۇل-زاڭزۇ مەكتىپىنىڭ كونا بىناسىنى رېمونت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
2013.03.21 17:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت يېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى شياۋشى خالتا كوچىسى 33-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان مىللەتلەر دۇنياسى سودا سارىيىغا بىكارلاش-قايتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چاپلانغاندىن كېيىن، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى بولغان «دۆلەتلىك موڭغۇل-زاڭزۇ مەكتىپى»نىڭ كونا بىناسىنى قوغداش، رېمونت قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە مىللەتلەر دۇنياسى سودا سارىيى رەسمىي تاقىلىدۇ ھەمدە بىنانىڭ مەدەنىي يادىكارلىققا كىرمەيدىغان قىسمى چېقىۋېتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاش-رېمونت قىلىش ئىشى باشلىنىدۇ. (مۇخبىر ۋېي ۋېي)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە