باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابى شىنزو: ياپونىيە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولمايدۇ

2013.03.20 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەدە چىقىدىغان چاۋشيەن گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو يېقىندا «ئايلىق چاۋشيەن»، «چاۋشيەن خەۋەرلىرى گېزىتى»، «تارقىتىش ژۇرنىلى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنى تەستىقلىغان دۆلەت، بۇ تۈزۈلمىدە ياپونىيە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولمايدۇ، دېگەن.

  ئابى شىنزو مۇنداق دېگەن: ياپونىيە ئامېرىكا ۋە كورېيە بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ چاۋشيەننى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ.

  ئابى شىنزو ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى دەپ ئۆزگەرتىپ، كوللېكتىپ مۇھاپىزەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇ كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر قوللانغان ئۇسۇل دېگەن. ئابىشىنزو بۇندىن كېيىنكى كورېيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ يېڭى دەۋر يارىتىشىنى ئۈمىد قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە